-文本歌词

-文本歌词

发行日期:

作词 : ezizjan yimit

خەيىر دىلبىرىم

ئەلى ئاقسوپا

كۈلكىلەردىن مەھرۇم مەن كۆڭلۈم پەرىشان

ئۇشبۇ ھەسرەت ئازاپقا كىم بولار دەرمان

سۇلدى گۈلۈم شاتلىقىم ئۇچتى يىراققا

دىلنى ئەزگەن كەچمىشلەرئۇنتۇلماس ھامان

سۇلدى گۈلۈم شاتلىقىم ئۇچتى يىراققا

دىلنى ئەزگەن كەچمىشلىرىم ئۇنتۇلماس ھامان

ئوماق ئىدىڭ گۈزەلىم سۆزلەرىڭ شېرىن

مەن ساڭا بەك ئامراق جېنىم دەپ بىلگەن

خارلىدىڭ ئەقىدەمنى يۈرەك باغرىمنى

نازىڭ بىلەن ئېيتقان ۋەدەڭ قېنى

خارلىدىڭ ئەقىدەمنى يۈرەك باغرىمنى

نازىڭ بىلەن ئېيىتقان ۋەدەڭ قېنى

ئالدىساڭمۇ قار كەبى ئاپئاق دۇر دىلىم

چىن سۆيگۈگە ئاتالغان مېنىڭ كۈيلىرىم

ئالدىساڭمۇ قار كەبى ئاپئاق دۇر دىلىم

چىن سۆيگۈگە ئاتالغان مېنىڭ كۈيلىرىم

گۈل گىياھسىز باغلىرىم قالدى مۇڭ بىلەن

مەن باھارنى كۈتەي ئەمدى خەيىر دىلبىرىم

ئەمدى سېنىڭ چېھرىڭنى ئالماسمەن ئەسكە

ئۆتمۈش بولدى مۇھەببىتىم كەتسۇن كەلمەسكە

گۈل گىياھسىز باغلىرىم قالدى مۇڭ بىلەن

مەن باھارنى كۈتەي ئەمدى خەيىر دىلبىرىم