يار سىنىڭ بېشىڭغا كۈن
چۈشسە يېنىڭدا مەن بولاي
قاچمىغىن مەندىن يىراق
دەردىڭگە دەرمان مەن بولاي
گۈلۈم سىنىڭ بېشىڭغا كۈن
چۈشسە يېنىڭدا مەن بولاي
قاچمىغىن مەندىن يىراق
دەردىڭگە دەرمان مەن بولاي
بولمىغىن مەندىن بىزار
يار مەن ساڭا ئىنتىزار
سەن ئەگەر چالساڭ دۇتتار
دۇتتارغا تار مەن بولاي
بولمىغىن مەندىن بىزار
يار مەن ساڭا ئىنتىزار
سەن ئەگەر چالساڭ دۇتتار
دۇتتارغا تار مەن بولاي
♪ ♬ ♪
بولمىغىن سەن قەيەردە
سەھرا ياكى شەھەردە
بولمىغىن سەن قەيەردە
سەھرا ياكى شەھەردە
ناخشا ئېيتىپ شۇيەردە
شۇئان يېنىڭدا مەن بولاي
ناخشا ئېيتىپ شۇيەردە
شۇئان يېنىڭدا مەن بولاي
♪ ♬ ♪
بىز ئوينايلى سايرامدا
قۇتلۇق كۈندە بايرامدا
بىز ئوينايلى سايرامدا
قۇتلۇق كۈندە بايرامدا
سەن شاتلانساڭ قاياندا
كۈلكەڭگە جۈر مەن بولاي
سەن شاتلانساڭ قاياندا
كۈلكەڭگە جۈر مەن بولاي
كۈلكەڭگە جۈر مەن بولاي