يۈرگەن ئىدىم نۇمۇس بىلەن ئار بىلەن
يۈرەك تۇلار ئارمان بىلەن زار بىلەن
ساز تىترەگەن قۇلۇمدىكى تار بىلەن
كۈيەر بولسام كۆيدۈم كۆڭۈل كويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
كۆڭۈل ئىچرە گويا گۆھەر تاپقانتىم
تاپقىنمچە ئارقىدىن زار چاپقانتىم
يىللار ھېجران ئازابىنى تارتقانتىم
شىرىن ھېسلەر قالدى كۆللەر بويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئاي يۈز يار يىغلاتتىڭ كۆپ زار-زار
بىۋاپا ئاي يۈز يار يىغلاتتىڭ كۆپ زار-زار
ئەيلەپ مىنى خار-خار دىلبەر
♪ ♬ ♪
دىلىم ۋەيران-ۋەيران كۆيدى گۈزەلىم
قەلبىم يىغلار-يىغلار سۆيگۈ نىشانىم
تەغدىر ئىكەن نە قىلاي شور پىشانەم
يالغۇز قالسام ناھەق ھېجران ئويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
كۆكسۈم خەنجەر تىلسا پەرۋا قىلماستىم
بىزلەردىن يار كەچكەننى بىلمەستىم
بىلگەنىمدە نەزەر سالسام كەلمەستىم
تىللا ئۈزۈك يالتىرايدۇ قولىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئۆزۈم مىھمان سۆيگەن يارىم تويىدا
ئاي يۈز يار يىغلاتتىڭ كۆپ زار-زار
بىۋاپا ئاي يۈز يار يىغلاتتىڭ كۆپ زار-زار
ئەيلەپ مىنى خار-خار دىلبەر